kashgar قەشقەر بلوگ سىلەرنى قارشى ئالىدۇ 喀什噶尔
    ilan orni 8888
  • قۇتادغۇ بىلىكتىن گۈلدەستە (4) - [تارىخ-پەلسەپە]2008-10-17


    بىرىنچى باپ
    ھەممىدىن ئېزىز ۋە ئۇلۇغ بولغان تەڭرىنىڭ مەدھىيسى بايانىدا
    خۇدا ئاتى بىرلە سۆزۈم باشلىدىم
    تورىلتكەن ئوستۇرگەن  كەچۈرگەن ئىزىم

    تولا مەدھى بىرلە تۇمەن مىڭ سەنا
    قادىر خۇداغا ئاڭا يوق پەنا

    قوڭۇر يەر يېشىل كۆك كۈن ئاي بىرلە تۇن
    ياراتتى زامان، ۋاقىت مەخلۇق ۋە كۇن

    ئۇ خالاپ ياراتتى يارالدى پۇتۇن
    ئۇ بىرلا دېدى بول بال ئولدى پۇتۇن

    بۇ بارچە يارالغان مۇھتاجدۇر ئاڭا
    ئىگەم سەن بىھاجەت يوق ھەمراھ ساڭا

    ئەي قادىر ۋە مەڭگۈ بىھاجەت بايات
    سېنىڭدىن بولەككە ياراشماس بۇ ئات

    ئۇلۇغلۇق ساڭا ھەم بۇيۇكلۈك ساڭا
    سېنىڭدىن بولەك يوق ساڭا تۇش تەڭا

    ئەي بىر سەن بىرىكمەس ساڭا باشقا بىر
    بۇرۇن دەن جېمىدىن جىمىدىن ئاخىر

    ساناققا قېتىلماس سېنىڭ بىرلىكىڭ
    پۇتۇن نەرسىگە يەتتى قۇدرەتلىكىڭ

    گۇمان يوقكى بىرسەن ئەي مەڭگۈ خۇدا
    ئوزۇڭ ھەر نىچۈك سان ساناق سىرتىدا

    ئىچۇ تاش بىلۇچى ئەي ھەققۇليەقىين
    كوزۇمدىن يىراقسەن كوڭۇلگە يېقىن

    ئېرۇر بارلىغىڭ كۇن ۋە ئايدەك يورۇق
    تېگىڭگە يېتۇچى كوڭۇل ئەقىل يوق

    نېمەلىكتىن ئەرمەس سىنىڭ بىرلىكىڭ
    ياراتتىڭ جېمىنى جېمىسى سېنىڭ

    پۇتۇن بار نېمەنى ياراتتىڭ ئوزۇڭ
    يوقىلۇر جېمىسى تېرىك سەن ئوزۇڭ

    ياراتقان بارلىغىغا يارالغان تانۇق
    يارالغان ئىككى بىر تانۇقى ئېنىق

    ئۇنىڭ ئوخشىشى يوق ۋە ياكى تېڭى
    نىچۇكلىكىگە يەتمەس خالايىق ئېڭى

    ئۇ يۇرمەس ئۇ ياتماس ئويغاق ئۇخلىماس
    ئۇنىڭدىن يىراقتۇر تەسەۋۋۇر قىياس

    نە ئالدا نە كىيىن نە ئوڭ سولدا ئۇ
    نە پەستە ئېگىزدە نە ئۇدۇلدا ئۇ

    ئورۇن ئول ياراتتى ئورۇن يوق ئاڭا
    ئۇنىڭسىز ئورۇن يوق ئىشەنگىن بۇڭا

    ئەي سىرغا يېقىن ئەي كوڭۇلگە ئەزىز
    گۇۋادۇر ساڭا بارچە سۇرەت ۋە ئىز

    ياراتتىڭ تۇمەنمىڭ تېرىك ساناقسىز
    قۇرۇقلۇق چۇقۇر تاغ دالا دوڭ دېڭىز

    بىزەتتىڭ يېشىل كوكنى يۇلتۇز بىلە
    يورۇتتۇڭ قارا تۇننى كۇندۇز بىلە

    ئۇچارلىق ماڭارلىق تىنارلىقكى بار
    سېنىڭدىن ئىچىپ يەپ تېرىكلىك قىلار

    ئېگىز ئەرش ئۇستىدىن يەر ئاستىغا تا
    پۇتۇن بارچە مۇھتاج ئەي ئىگەم ساڭا

    ئايا ھەققە پۇتكەن ئاچ ھەمدىگە تىل
    دىلىڭ پۇتە شەكسىز يۇرۇتمە ئەقىل

    ئۇ قانداق دېمەستىن كوڭۇلنى كۇزەت
    پۇتۇپ بارلىقىغا ئاسايىشقا يەت

    نىچۇك قانچە دەپ يۇرمە تۇتقىن ئوزۇڭ
    نىچۇك قانچىسىز بىل ئۇزارتما سوزۇڭ

    بۇ مۇڭلۇق قۇلۇڭنى ئەي مۇڭسىز ئېگەم
    كەچۈرگىن گۇنايىنى ئەيلەپ كەرەم

    ساڭالا سېغىندىم ئۇمىدىم ساڭا
    قېيىنلىق يېرىمدە مەدەت قىل ماڭا

    سويۇملۇك رەسۇل بىرلە تۇرغۇز مېنى
    قولۇم تۇتقۇچى قىل قىيامەت كۇنى

    ئۇنىڭ تۆت يارىغا تۇمەنمىڭ سالام
    يېتىشتۇر مېنىڭدىن داۋام ۋە داۋام

    ئۇلۇغ كۇندە كورسەت ئۇلارنىڭ يۇزىن
    قولۇم تۇتقۇچى ئەيلە ياخشى سوزىن

    سېنى ماختىيالمايمەن لايىق ئوزۇم
    سېنى سەنلا ماختا كېسىلدى سوزۇم


    نامى ئۆچمەس داڭلىق ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇ بىلىك دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى
    مەنبە:  http://uyol9.com/viewthread.php?tid=121&extra=page%3D1

     

    ___